چاۋۇشئوغلۇ ئەمىرخان مۇتتەقى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ئەمىرخان مۇتتەقى بىلەن تېلېفونلاشتى.

1775984
چاۋۇشئوغلۇ ئەمىرخان مۇتتەقى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقىتىپ، مۇتتەقىنىڭ كوۋىد-19 تەكشۈرۈش نەتىجىسى پوزىتىپ چىققان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاننىڭ ھىرات ۋىلايىتىگە يېتىپ بارغان ياخشىلىق پويىزى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە يەنە بىر «ياخشىلىق (مېھىر يەتكۈزۈش)  پويىزىنىڭ ئافغانىستانغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ مۇتتەقىگە <ئافغانىستاندا ھەر قايسى قاتلاملار ئىشتىراك قىلغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ تەسىس قىلىنىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بەزى ئايال پائالىيەتچىلەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئەندىشىگە سالغانلىقى>نى ئېيتتى.

قىزلارنىڭ تەلىم – تەربىيەسىنىڭمۇ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئافغانىستاندا تاشلىنىۋاتقان بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك  قەدەملەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ يەنە، مائارىف ۋەخپى مەكتەپلىرىنىڭ ئافغانىستاندا قايتىدىن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

چاۋۇشئوغلۇ بىلەن مۇتتەقى كابۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافغانىستاندىكى بارلىق ئايرودرۇملارنىڭ تۈركىيە – قاتار شېرىكچىلكىدە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر