ئەردوغان: بارلىق تەرەپلەرنى سالماق بولۇشقا دەۋەت قىلىمىز

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا يىرىكچىلىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «قارادېڭىز دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رايوندا تىنچلىقنى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەرنى سالماق بولۇشقا ۋە دىيالوگقا دەۋەت قىلىمىز» دېدى.

1772816
ئەردوغان: بارلىق تەرەپلەرنى سالماق بولۇشقا دەۋەت قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىناغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالدى.

ئۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا يىرىكچىلىكى ئۈستىدە توختىلىپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى ھەر مۇنبەرلەردە بىلدۈرۈۋاتىمىز. قارادېڭىز دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رايوندا تىنچلىقنى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەرنى سالماق بولۇشقا ۋە دىيالوگقا دەۋەت قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى يىتزاك ھېرزوگ (Yitzak Herzog) نىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ مارت (2022) ئېيى ئوتتۇرىلىرىدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ گىرېتسىيە تەرىپىدىن دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگەن 12 مۇساپىرنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«ھەممىدىن مۇھىمى 12 كىشىنىڭ ئۇ يەردە توڭلاپ ئۆلۈشىگە قاراپ تۇرۇش، ئالدىسا ماقۇل دەيدىغان ۋە ئۇنتۇلىدىغان ئىش ئەمەس.»

ئۇ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئوسمان كاۋالا قارارى ئۈستىدە توختىلىپ: «ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى نېمە دېسە، ياۋروپا كېڭىشى نېمە دېسە، بىزگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. بىز ئۆزىمىزنىڭ سوت مەھكىمىلىرىگە ھكرمەت قىلىنىشىنى كۈتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر