«تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز مەسىلىسىدە ھېچقانداق قىيىنچىلىقى يوق»
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز مەسىلىسىدە ھېچقانداق قىيىنچىلىقىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.
1770157
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، گىرەسۇندا ئاممىۋى خىزمەتلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، كەڭ خەلق ئاممىسىغا خىتاب قىلىپ، تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز مەسىلىسىدە ھېچقانداق قىيىنچىلىقىنىڭ يوقلۇقىنىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۆزىمىزنىڭ تەبىئىي گازىمىز بار، FSRU (لەيلىمە LNG ساقلاش ۋە گازلاشتۇرۇش مۇئەسسەسە) مىز بار، <تۇز كۆلى> نىڭ ئاستىدا تەبىئىي گاز ئىسكىلاتلىرىمىز بار، جۈملىدىن، بىز ھەر جەھەتتىن تەدبىر قوللىنىۋاتىمىز. قىسقىسى، تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز مەسىلىسىدە ھېچقانداق قىيىنچىلىقى يوق.»