سۈرىيەنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1764985
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى بۇزماقچى بولۇۋاتقان تېررورچىلارغا مۇداخىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بۇ دائىرىدە، <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 7 تېررورچى، ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.