ئەردوغان رۇسىيە - ئۇكرائىنا جىددىيچىلىكى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى بېسىۋېلىش ئېھتىمالىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1764595
ئەردوغان رۇسىيە - ئۇكرائىنا جىددىيچىلىكى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبانىيە زىيارىتىنىڭ ئاخىرىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ئۆزىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى بېسىۋېلىشىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەھۋال دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئۇكرائىنانىڭ ئادەتتىكى دۆلەت ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رۇسىيەنىڭ ئىشغال قىلىش قەدىمىنى بېسىشتىن بۇرۇن پۈتۈن دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ مەسىلىلەرنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەنمۇ مۇزاكىرە قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «چۈنكى بۇ رايونلار ئۇرۇشنى ئەمدى قوبۇل قىلالمايدۇ. بۇنداق قىلىش توغرىمۇ ئەمەس. ھازىر بىز ئۇرۇشنى سىياسەت تارىخىدىن ئۆچۈرۈشىمىز كېرەك. <مەن بىر يەرنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلىپ ئېلىۋالاي> دېگەن لوگىكا بىلەن بۇ ئىشلار يۈرۈشمەيدۇ. ھۆرمەتلىك پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزدا قىرىمنىڭ بېسىۋېلىنىشى مەسىلىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمەن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىزمۇ بۇنى مەنسەپداشلىرى بىلەن سۆزلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى سىياسىتىمىز ئېنىق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، ئامېرىكانىڭ گىرېتسىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئىسرائىلىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس روم دائىرىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان EastMed تۇرۇبا يولى تۈرىنى قوللىشىنى قايتۇرۇۋالغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بىر تۈر ئەمەس»، دېدى ۋە ئامېرىكانىڭ تەننەرخىنى ھېسابلاش ئارقىلىق بۇ تۈرگە قىزىقمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تۈركىيە بولماي تۇرۇپ بۇنداق بىر تۈرنىڭ روياپقا چىقمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «چۈنكى بۇ يەردىن ياۋروپاغا گاز يوللىنىدىغان بولسا، ئۇ پەقەت تۈركىيە ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر