تۈركىيە گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن  مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى  ئەيىپلىدى

تۈركىيە گېرمانىيەدىكى بىر مۇسۇلمان قەبرىستانلىقىغا ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ قولغا ئېلىنىپ، سوتقا تارتىلىشىنى ۋە ئۇلارغا تېگىشلىك جازا بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1755609
تۈركىيە گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن  مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى  ئەيىپلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، گېرمانىيەنىڭ ئىسېرلوخن شەھىرىدىكى بىر مۇسۇلمان قەبرىستانلىقىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىدىن ئازابلىنىش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، يېڭى يىل كېچىسى يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ياۋروپادا ئەۋج ئېلىۋاتقان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقان ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش قارىشىنىڭ يېڭى بىر نامايەندىسى بولغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، «بىز بۇ ئىچىنىشلىق ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئېنىقلىنىپ، سوتقا تارتىلىشىنى ۋە تېگىشلىك جازا بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە  بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېيىلدى

گېرمانىيەنىڭ ئىسېرلوخ شەھىرىدە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ۋەقەدە، نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر تۈركلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرە تاشلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر