تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى پارتلاش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

1749472
تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە گاز ئېقىپ كېتىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن پارتلاشتا 16 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە ئونلىغان كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن ئازابلىنىش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «مەزكۇر پارتلاشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا بالدۇررراق شىپالىق تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش پاكىستان ھۆكۈمىنى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز » دېيىلدى.

پاكىستان مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كاراچىنىڭ پاراچا چوك رايونىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى پارتىلاپ 16 كىشى قازا قىلغان ۋە  نۇرغۇن  كىشى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر