ئەردوغان لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئەلمەنفى بىلەن ئىستانبۇلدىكى «دولماباھچە سارىيى» دا بىر يەرگە جەم بولدى.
1749106
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «3 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئافرىقا ئەللىرى ھەمراھلىقى» باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە تۈركىيەگە كەلگەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشمەكتە.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارى ۋە سومالى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد فارماجو بىلەن بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئەلمەنفى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
ئىستانبۇلدىكى «دولماباھچە سارىيى» دىكى ئۇچرىشىش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.