ئاقار: تۈركلەر بىلەن كۇردلار قېرىنداش، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلماقچى بولغانلار ئۇتۇق قازىنالمايدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار: «تۈركلەر بىلەن كۇردلار قېرىنداشتۇر. جېدەل – ماجىرە، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلماقچى بولغانلار ئىلگىرى ئۇتۇق قازىنالمىدى، ئۇلار بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى.

1747605
ئاقار: تۈركلەر بىلەن كۇردلار قېرىنداش، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلماقچى بولغانلار ئۇتۇق قازىنالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار باتمان سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى مۇلازىمەت بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئۇ يەردىكى سۆزىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ي پ گ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقلۇقىنى تەكىتلەپ: «پ ك ك / ي پ گ ھەرگىزمۇ كۇرد قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەكىلى بولالمايدۇ. خۇددى دائېش مۇسۇلمانلارغا قانداق ۋەكىللىك قىلمىسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ مۇ كۇرد قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەكىلى بولالمايدۇ. تۈركلەر بىلەن كۇردلار قېرىنداشتۇر. ئەسىرلەردىن بۇيان ئوخشاش نان ۋە سۇدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ شانلىق بايرىقىمىز ۋە سانجىقىمىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان قەھرىمان شېھىتلىرىمىزمۇ يانمۇيان ياتماقتا. باشتا چاناققەلئە شېھىتلىكى بولۇپ، بارلىق شېھىتلىكلەرگە قارىغىنىمىزدا بۇ كارتىنىنى روشەن كۆرەلەيسىلەر. جېدەل – ماجىرە، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلماقچى بولغانلار ئىلگىرى ئۇتۇق قازىنالمىدى، ئۇلار بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر