تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 3 مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى«يەرشارىۋى ساياھەتچىلەر راي سىناش پائالىيىتى» دە «ئەڭ مۇنەۋۋەر Business Class»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر قۇرۇلمىلىق ساداقەت پىروگراممىسى» ۋە «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايرودۇرۇم مۇلازىمەتلىرى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

1747795
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 3 مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاخبارات ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ  باياناتىغا قارىغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ  كۆپ نۇقتىغا ھاۋا قاتنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، «‹ Global Traveler› ژۇرنىلى» نىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئاۋاز بەرگەن راس سىناشتا، ئارقىمۇئارقا 5 – قېتىم «ئەڭ مۇنەۋۋەر Business Class» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلۈپ، «Quint» سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، 6 – قېتىم ئارقىمۇئارقا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايرودۇرۇم مۇلازىمەتلىرى» مۇكاپاتىغا، 4 – قېتىم، «ئەڭ مۇنەۋۋەر قۇرۇلمىلىق ساداقەت پىروگراممىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ھەر يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان «يەرشارىۋى راي سىناش» تا، «‹ Global Traveler› ژۇرنىلى» ئوقۇرمەنلىرى ئاۋاز بېرىدىكەن.

بۇ يىل 18-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن راس سىناشتا، دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، ساداقەت پىروگراممىلىرى، مېھمانساراي ۋە ساياھەت مۇلازىمەتلىرىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 80 كاتېگورىيەدە، دائىم ئۇچىدىغان يولۇچى ئوقۇرمەنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 مىڭ كىشى تەرىپىدىن باھالاپ چىقىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر