ئەردوغان: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىزگە 10 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش پىلانى سۇندى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركمەنىستان زىيارىتىدىن قايتىۋېتىپ، ئايروپىلاندا كۈنتەرتىپكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

1740288
ئەردوغان: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىزگە 10 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش پىلانى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۈركىيەگە 10 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش پىلانى سۇنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق باشقىچە بىر كەلگۈسى بەرپا قىلىمىز. ياخشى تەرەققىياتلار بولىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركمەنىستان زىيارىتىدىن قايتىۋېتىپ، ئايروپىلاندا كۈنتەرتىپكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

ئۇ، يېقىنقى يىللاردا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان تۈركىيە- ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىدە ياخشى تەرەققىياتلارنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەتىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەخت ۋارىسى شاھزادىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھياننىڭ 24- نويابىردىكى تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «مەيلى ئايرىم، مەيلى ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلىرىمىز بولسۇن، ناھايىتى ياخشى ئۆتتى ۋە ئۇ يەردە كېلىشىملەرنى ئىمزالىدۇق. ئەگەر كېيىنكى باسقۇچقا پۇرسەت بولسا، 2- ئايدا قايتۇرما زىيارەتتە بولىمەن. مېنىڭ زىيارىتىمدىن بۇرۇن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىم ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى باشلىقى زىيارەت قىلىدۇ. تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىدۇ. ئاندىن 2- ئايدا مەن — ئىنشائاللاھ — بىر چوڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىللە بارىمەن ۋە بىر قىسىم قەدەملەرنى ئىنتايىن كۈچلۈك شەكىلدە تاشلايمىز. ئۇلار 10 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىز باشقىچە بىر كەلگۈسى بەرپا قىلىمىز. بۇ جەھەتتە ياخشى تەرەققىياتلار بولىدۇ» دېدى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيە ۋە مىسىرغا باش ئەلچى تەيىنلەش مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ: « قارارىمىزنى چىقارغىنىمىزدا، ئەلۋەتتە مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە باش ئەلچى تەيىنلەيدىغان ھالەتكە ئۆتىمىز. بۇ دۆلەتلەرنىڭ بەزىلىرىدە ۋەكىل تۇرغۇۋاتىمىز. باش ئەلچى يوق، ئەمما ۋەكىللەر بار. بىز بۇ باسقۇچلارنى مەلۇم بىر ۋاقىت جەدۋىلى ئىچىدە تەدرىجىي باسىمىز. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئارىمىزدا قانداق قەدەملەر تاشلانغان بولسا، باشقىلار بىلەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىك توغرىسىدىمۇ توختالغان ئەردوغان: «بىز ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىككە ئالاقىدار مەيدانىمىز ئېنىق. بىز باشتا قىرىم تۈركلىرى بولۇپ، بۇ رايوندا تىنچلىقنىڭ ھۆكۈمران بولۇشىنى خالايمىز. بىز دوست رۇسىيە بىلەن، بولۇپمۇ (رۇسىيە پىرېزىدېنتى) ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بۇ خىل مەسىلىلەرنى كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلدۇق ۋە مۇزاكىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر