ئەرودغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 83 - خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 83 – خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 09 دىن 05 مىنۇت ئۆتكەندە ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا تېلېگرامما تارقاتتى.
1731752
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېگراممىسىدا: «مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ باش قوماندانى، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ۋاپاتىنىڭ 83 – خاتىرە كۈنىدە ھۆرمەت – ئېھتىرام بىلەن ئەسلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.
تېلېگراممىسىدا ئاتاتۈركنىڭ فوتو – سۈرىتى ۋە «ھۆرمەت، مىننەتدارلىق ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان بىر سۈرەتكىمۇ ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.