ئالتۇن: تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدۇق

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، گلاسگوۋدا «تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى: كەڭ دائىرىلىك، سىجىل ۋە ئىنسانىي پىلان لايىھەسى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.

1729660
ئالتۇن:  تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان سىنلىق ئۇچۇرىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى سۈپىتىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، گلاسگوۋدا، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، <تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى: كەڭ دائىرىلىك، سىجىل ۋە ئىنسانىي پىلان لايىھەسى> ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىنقىلابىغا دائىر پىلان لايىھەسى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر