ئاقار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويىد جەميس ئاستىن بىلەن كۆرۈشتى.

1723294
ئاقار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ناتو قارارگاھىدىكى تۈرلۈك ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئالدى بىلەن ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋاللېس بىلەن كۆرۈشتى، ئاندىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويىد جەميس ئاستىن بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشتا، ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا 30 – 31 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان 20 – گ گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا ئىجابىي كۈنتەرتىپ شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

كېيىنچە، گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكولاس پاناگىيوتوپۇلوس بىلەن كۆرۈشكەن مىنىستىر ئاقار، تۈركىيە - گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان 4 – قېتىملىق يىغىن ئۈچۈن گىرېتسىيە ھەيئىتىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر