توگو ئەردوغاننى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقلىرىنى تاماملىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زىيارەتتە بولىدىغان توگونىڭ پايتەختى لومې كوچىلىرى تۈرك بايراقلىرىغا پۈركەندى.

1721465
توگو ئەردوغاننى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقلىرىنى تاماملىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زىيارەتتە بولىدىغان توگونىڭ پايتەختى لومې كوچلىرىدا ئەردوغان بىلەن توگو پىرېزىدېنتى فائۇرې گناسسىڭبېنىڭ فوتو – سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتلار ئېسىلدى، كوچىلار تۈرك بايراقلىرىغا پۈركەندى.

تۈركىيەدىن جۇمھۇر رەئىس دەرىجىسىدە تۇنجى قېتىم قىلىنىدىغان زىيارەتتىن ئىلگىرى پايتەختنىڭ ئوخشاش بولمىغان 10 يېرىگە ئەردوغان بىلەن گناسىڭبېنىڭ فوتو – سۈرەتلىرى بىلەن «بىرلىكتە تېخىمۇ ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن پىلاكاتلار ئېسىلدى.

توگو جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن ئانگولادىن باشلىغان تۆت كۈنلۈك ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولىدۇ.

بۇ دۆلەتكە تۇنجى قېتىملىق رەسمىي زىيارەت دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تەرىپىدىن 2020 – يىلى 20 – ئىيۇلدا ئېلىپ بېرىلغان، تۈركىيەنىڭ لومېدىكى ئەلچىخانىسى 2021 – يىلى 1 – ئاپرېلدا ئېچىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر