قالىن: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەققى بولسا، بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بار

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئەگەر رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا سۈرىيەگە كىرىش ھوقۇقى بېرىلگەن بولسا، تۈركىيەنىڭمۇ ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1713689
قالىن: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەققى بولسا، بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن گېرمانىيەنىڭ «Der Spiegel» ژۇرنىلىغا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدە ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكانىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان ي پ گ نى قوللاش قاتارلىق مەسىلىلەردە تۈركىيەنىڭ ئېھتىياجىنى پات - پاتلا نەزەردىن ساقىت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ي پ گ  نىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن دۆلەت تەھدىتى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

قالىن ياۋروپالىقلارنىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە بىر بۇلۇڭدا قاراپ تۇرماي، ھاكىمىيەتكە تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشىنى، بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ سۈرىيەلىكلەردىن يۈز ئۆرۈمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە سىياسىتى توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىىگىمۇ جاۋاب بەرگەن قالىن: «تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئىدلىبتا بولغاچقىلا، 2 مىليون 500 مىڭ كىشى بۇ رايوندىن قاچمايۋاتىدۇ. غەربتىكى دوستلىرىمىز بىزگە بىز خۇددى ئىشغالىيەتچىدەكلا مۇئامىلە قىلماقتا. بىز سۈرىيە زېمىنىغا كۆز تىكمىدۇق. لېكىن بۇ قەدەمنى ھەم ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ھەمدە رايوندىكى سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تاشلاشقا مەجبۇر ئىدۇق» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ: «بىزنىڭ ئۇ يەردە ئۆزىمىزنى قوغداش ھوقۇقىمىز بار، ئەگەر رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا سۈرىيەگە كىرىش ھوقۇقى بېرىلگەن بولسا، بىزنىڭ بۇ ھوقۇقىمىز بار» دېدى.

ئافغانىستاننىڭ تالىباندىن كېيىنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان ئىبراھىم قالىن، تۈركىيەنىڭ كابۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ئۈچۈن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تالىباننىڭ تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان بىر ھۆكۈمەت تەشكىللىشىنىڭ ئۈمىد قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان قالىن، ئېلان قىلىنغان كابىنېتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر