ئەردوغان رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەتە (29- سېنتەبىر) رۇسىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

1711629
ئەردوغان رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – رۇسىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرگە، سۈرىيە، لىۋىيە ۋە ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر