سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1709008
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ رەزىل نىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋەقە پەيدا قىلىش پىلانلىرىنى تۈزۈۋاتقان تېررورچىلارنى يوقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، بىرى سۈرىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، يەنە بىرى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بولۇپ، ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر