تۈركىيە – ئىراق ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1694947
تۈركىيە – ئىراق ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دەمىر بىلەن ئىراق جۇمھۇرىيىتى ھەربىي ئىشلار سانائەتلەشتۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ساھىب ئەلداراجى تەرىپىدىن ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم، تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ قۇرۇلمىلاشتۇرۇلۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۆزئارا ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا، بۇ كېلىشىم، تەرەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەشكىلاتلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى بىۋاسىتە تەمىنلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئۈچىنچى تەرەپلەرگە سېتىش، سىستېما ۋە سۇپىلارنى زاپاس ساقلاش، ئاسراش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، تېخنىكا يۆتكەش، تەربىيەلەش ، ئۇچۇر، ھۆججەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق يىغىنلىرى» ۋە بۇ يىغىنلاردا بېكىتىلىدىغان ھەمكارلىق تېمىلىرىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ۋە كۆزىتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان  رەسمىي  ۋە تېخنىكىلىق ھەيئەت زەيارەتلىرىمۇ، بۇ كېلىشىم دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر