ئەردوغان: سۇ ئاپىتى رايونى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلدۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دۆلەتنىڭ 9 ئادەم قازا قىلغان سۇ ئاپىتى رايونلىرىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1690138
ئەردوغان: سۇ ئاپىتى رايونى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بارتىن، سىنوپ ۋە كاستامونۇ قاتارلىق قارا دېڭىز رايونىدا شىدەتلىك ھۆل – يېغىن پەيدا قىلغان سەل ئاپىتى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۆزىنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن ئاپەت رايونىغا بېرىپ خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، شەھەر باشقۇرۇش ۋە مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم ۋە قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇ بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ، رايوندىكى ۋەزىيەت، تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى ۋە تەرەققىياتلار ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىمەكتە ئىكەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يەنە، سۇ ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ۋالىيلار ۋە رايون باشلىقلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ، دۆلەتنىڭ بارلىق ۋاسىتىلىرىنى سۇ ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە پۇقرالارنىڭ جاراھەتلىرىگە مەلھەم بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

كەلكۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارغا ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت تىلىگەن ئەردوغان، كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا تەسەللىي بەردى.

كاستامونۇدا كەلكۈن ئاپىتىدە 9 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، بارتىندا بىر ئادەمنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا. بارتىن، سىنوپ ۋە كاستامونۇ قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەتتە 616 ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر