تۈركىيە بايرىقى باكۇدىكى ھەيدەر ئەلىيېۋ مەركىزىگە ئەكس ئەتتۈرۈلدى
ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇنىڭ يېڭى بىناكارلىق سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان ھەيدەر ئەلىيېۋ مەركىزىنىڭ ئالدى تەرىپىگە، تۈركىيەنىڭ دالا ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرىشىنى قوللاش مەقسىتىدە تۈركىيە بايرىقى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىلال ئاي يۇلتۇزلۇق تۈركىيە بايرىقىنى باكۇدىكى ھەيدەر ئەلىيېۋ مەركىزىگە ئەكس ئەتتۈرۈش پائالىيىتىگە، ئەزەربەيجان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فارىز رزايېۋ، تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاھىت باغجى، ئەزەربەيجاندا ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى ۋە باكۇلۇقلار ئىشتىراك قىلدى.
تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاھىت باغجى، ژۇرنالىستلارغا بەرگەن باياناتىدا، دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ ئايروپىلان بىلەن تۈركىيەگە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ كۈندىن بۇيان ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيەگە ئىزچىل ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيەگە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، تىك ئۇچار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ پائالىيەت، دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن مەنىلىك ھەم قىممەتلىكتۇر.»
ئەزەربەيجاننىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ «ھەمىشە دەردىڭىزگە دەرمان بولۇشقا تەييارمەن قېرىندىشىم» پوزىتسىيەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان باغچى، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەزەربەيجان دائىرىلىرى ۋە ئەزەربەيجان خەلقىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ھەمدە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ياردىمىنى كۆرگەنلىكى ھەم چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز بۇ ياردەمنى ھېچقاچان ئۇنتۇمايدۇ.»
ئەزەربەيجان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فارىز رزايېۋ، مۇشەققەتلىك كۈنلەردە قېرىنداش تۈركىيەگە دوست قولىنى سۇنۇشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ھەمدە ئەزەربەيجان دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ، مۇشەققەتلىك كۈنلەردىمۇ، خۇشاللىق كۈنلەردىمۇ ھەمىشە قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.