ئەردوغان ھىجرىيە يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھىجرىيە يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى.
1687674
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن تەبرىكنامىسىدا، «مىللىتىمىزنىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ 1443-يىلى ھىجرىيە يېڭى يىلىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. يېڭى يىلنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە گۈللىنىش، تىنچلىق ۋە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەبرىكنامىسىغا «ئاياسوفيائى كەبىر جامەئى شەرىف» جامەسىنىڭ رەسىمىنى قوشۇپ ھەمبەھىرلىدى.