كۇۋەيت تۈركىيەگە 45  كىشىلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنى يوللايدىغان بولدى

كۇۋەيت ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرەشنى قوللاش ئۈچۈن تۈركىيەگە 45  كىشىلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنى يوللايدىغان بولدى.

1687349
كۇۋەيت تۈركىيەگە 45  كىشىلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنى يوللايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرەشىى قوللاش ئۈچۈن تۈركىيەگە بىر قانچە دۆلەتتىن ياردەم كېلىشكە باشلىدى.

كۇۋەيت ئوت ئۆچۈرۈش باش ئىشتابى باشلىقى خالىد مىقراد بۈگۈن ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرەشنى قوللاش ئۈچۈن تۈركىيەگە 45 كىشىلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىقراد شۇنىڭدەك يەنە بىر گۇرۇپپىنىڭمۇ ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن ھەربىي ئايروپىلان بىلەن گىرېتسىيەگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر