يەنە ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك سېپىدىن قاچقان يەنە ئىككى تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى بىلەن ژاندارما باش قوماندانلىقىنىڭ ماسلىشىپ ئېلىپ بارغان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى سېپىدىن قاچقان ئىككى تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، تەسلىم بولغان مەزكۇر تېررورچىلارنىڭ بىرىنىڭ 1997 – يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقى، يەنە بىرىنىڭ بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، 2021 – يىلى ئىچىدە قايىل قىلىش يولى بىلەن تەسلىم بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى سانىنىڭ 120 گە يەتكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.