ئەردوغان ئاپەت رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىقتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ئانتالياغا قاراپ يولغا چىقتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن قاھرامانماراشتا بىر قاتار مۇراسىم ۋە ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشى پىلانلىنىۋاتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بارلىق پىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
بۈگۈن چۈشتە قىسىقلىدىكى ئۆيىدىن ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىغا كەلگەن ئەردوغان، دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ئانتالياغا قاراپ يولغا چىقتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ماناۋگات ياشلار مەركىزىدە دوكلات ئاڭلىغان ۋە ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن مارمارىسقا بېرىشى كۈتۈلمەكتە.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئانتاليا، مۇغلا، مەرسىن، ئادانا ۋە ئوسمانىيەدىكى دالا ئوت ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان جايلارنىڭ «ئومۇمىي تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسەتكەن ئاپەت رايونى» ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.