«پەنچە ھەرىكىتى» رايونىدا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى «پەنچە ھەرىكىتى» رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە چىققان توقۇنۇشلاردا، ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «پەنچە ھەرىكىتى» رايونىدا ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاكۇرك رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى بىلەن توقۇنۇش چىققانلىقى ۋە ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى قەيت قىلىندى.
چىققان توقۇنۇشلاردا يەنە بىر ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە دەرھال دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بىر بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بىر ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە بىرازىلىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.