ئىزمىر دېڭىز تەۋەلىكىدە مۇشۇ ئاي ئىچىدە 388 نەپەر كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

گىرېتسىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىتتىرىلگەن ۋە كېمىلىرىدە قاپسېلىپ قالغان 388 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1680791
ئىزمىر دېڭىز تەۋەلىكىدە مۇشۇ ئاي ئىچىدە 388 نەپەر كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى 17-ئىيۇلدىن 20-ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىزمىرنىڭ دىكىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە گرېتسىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيەگە قايتۇرۇلغان 78 پاناھلانغۇچىنى قۇتۇلدۇردى.

18-ئىيۇلدىن 21-ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا، گرېتسىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىتتىرىلگەنلىكى ئېنىقلانغان جەمئىي 217 پاناھلانغۇچى سەفەرھىسار دېڭىز تەۋەلىكىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

22- ئىيۇلدا بولسا، گىرېتسىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن فوچا ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىگە ھەيدەپ چىقىرىلغان 26 پاناھلانغۇچى قىزغاققا ئېلىپ چىقىلدى.

چەشمە ناھىيەسىدە يەلكەنلىك كېمىگە قاپسىلىپ قىلىپ، ياردەم تەلەپ قىلغان 67 چەت ئەللىك قۇتقۇزۇۋېلىندى.

قۇتقۇزۇۋېلىنغان بۇ 388 پاناھلانغۇچى رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر