ئاقىنجى تىھا تۈرك ئاۋىياتسىيە تارىخىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەش رېكورتىنى بۇزدى

بايراقتار تەرىپىدىن يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان «بايراقتار ئاقىنجى تىھا (ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى)، تۈرك ئاۋىياتسىيە تارىخىنىڭ ئېگىزلىككە ئۆرلەش رېكورتىنى ياراتتى.

1672548
ئاقىنجى تىھا تۈرك ئاۋىياتسىيە تارىخىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەش رېكورتىنى بۇزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايراقتار ئاقىنجى تىھا، چورلۇدىكى ئاقىنجى ئۇچۇشنى مەشىق ۋە سىناق قىلىش مەركىزىدىكى «ئۇزۇن ئۇچۇش ۋە ئېگىزلىككە ئۆرلەش ئىقتىدارى سىنىقى»غا قاتنىشىپ، 38 مىڭ 39  ئىنگلىز چىسى (11 مىڭ 594 مېتىر) ئېگىزلىككە ئۆرلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەرلىك ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ياساپ چىقىلغان بىر ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ بۇنداق ئېگىزلىككە ئۆرلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدىكەن.

بايراقتار ئاقىنجى تىھا 25 سائەت 46 مىنۇت بويىچە ئۈزلۈكسىز ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر