ئاقار ئىسپانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئىسپانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارگارىتا روبلېس فېرناندىز بىلەن تېلېفونلاشتى.
1671599
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «ئىجابىي ۋە ئۈنۈملۈك» دەپ باھا بەرگەن ئۇچرىشىش توغرىسىدىكى باياناتىدا: «تېلېفون سۆھبىتىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ھەمدە ئىككى دۆلەت ۋە ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونغا ئالاقىدار مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى، شۇنداقلا مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.