ئەردوغان رىم پاپاسى فىرانسىستىن ھال سورىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يېڭى ئوپېراتسىيەدىن چىققان كاتولىكلارنىڭ مەنىۋى داھىيسى رىم پاپاسى فىرانسىسقا ھال سوراش ئۇچۇرى يوللىدى.
1671143
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۇچۇرىدا: «مۇۋۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئوپېراتسىيەڭىز مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزۈم ۋە خەلقىمگە ۋاكالىتەن سالامەتلىكىڭىزنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئەردوغان پاپا فىرانسىسقا سالامەتلىك ۋە بەخت تىلىگەن.