ئەردوغان ناتو يىغىنى دائىرىسىدە مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 14-ئىيۇن (2021) بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1656048
ئەردوغان ناتو يىغىنى دائىرىسىدە مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي رەھەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، 13-ئىيۇن بىۇريۇسسېلغا يېتىپ بارىدۇ.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن، لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى گىتاناس ناۋسېدا(Gitanas Nauseda)، لاتۋىيە پىرېزىدېنتى ئېگىلس لېۋىتس (Egils Levits)، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس قاتارلىق ناتو دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدۇ.

كۆرۈشۈشلەردە، ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىق، ئىككى تەرەپ ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ئەردوغان-بايدىن كۆرۈشۈشى، بايدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىنكى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولغان تۇنجى ئۇچرىشىش بولىدۇ. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ناتو يىغىنىدا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان كۈنتەرتىپى، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىگىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە خەۋپسىزلىكىگە ھۆرمەت قىلىش بولىدۇ. يىغىندا، تۈركىيەنىڭ مەزكۇر مەسىلىلەردىكى قەتئىي مەيدانى تەكىتلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقلىق رامكىسىدا ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، ئىتتىپاقداشلىرىغا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە ئىنسانىي كىرىزىسلارغا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش تەكلىپلىرىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ناتو ۋە ئامېرىكا قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە قارشى ناتو ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلىدىغان يىغىندا، بۇ دائىرىدە، تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر