گارا رايونىدا ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىككى ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1654019
گارا رايونىدا ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «تېررورچىلار ئۈچۈن ھېچ يەر بىخەتەر ئەمەس! تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ۋە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ ماسلىشىشى نەتىجىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بايقالغان  2 نەپەر تېررورچى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھاۋا ھەرىكىتى  ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېيىلدى.

مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى 6 – ئىيۇندا يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ۋە مەھمۇ رايونى مەسئۇلى سەلمان بوزقىرنى نېتلاشتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر