ئاكار ۋە باشقا قوماندانلار «2021-دېڭىز بۆرىسى» مانېۋىرىنى نەق مەيداندىن كۆزەتتى

تۈركىيە ھەربىي پاراخوتلىرى 25-ماي (2021) «2021-دېڭىز بۆرىسى» مانېۋىرى ئۈچۈن ئەگە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزغا ئۆتكەن ئىدى.

1651868
ئاكار  ۋە باشقا قوماندانلار «2021-دېڭىز بۆرىسى» مانېۋىرىنى نەق مەيداندىن كۆزەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قوماندانلار «2021-دېڭىز بۆرىسى» مانېۋىرىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.

مانېۋىرغا، 132 ھەربىي پاراخوت، 10 سۇ ئاستى پاراخوتى، 43 ئايروپىلان، 28 تىك ئۇچار ۋە 14 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، تەخمىنەن 25 مىڭ 500 ئەسكەر قاتناشتۇرۇلدى. مانېۋىردا، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىدىن باشقا، 10 ئىدارە ۋە تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ ئۆزئارا ھەمكارلاشتى.

«2021-دېڭىز بۆرىسى» مانېۋىرى ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيەدە ھەرىكەتكە تەييارلىق قىلىش قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانېۋىرنىڭ ئاخىرقى ھەپتىلىرىدە، 83 پاراخوت ئەگە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا 22 پورتنى زىيارەت قىلىدۇ. ئىلگىرىكى يىللارنىڭ دەل ئەكسىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن، پۇقرالارنىڭ پاراخوتلارنى زىيارەت قىلىشى چەكلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر