ئاقار ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى...

1650074
ئاقار ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ ناتوغا قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى، ھەمدە ناتو ۋە ياۋروپانىڭ جەنۇبىدا دائېش، پ ك ك / ي پ گ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئىتتىپاقداش 30 دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تور مۇھىتىدا چاقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

14 – ئىيۇندا چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە چاقىرىلغان يىغىندا، ناتونىڭ 2030 -  يىللىق پىلانى ۋە ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «يىغىندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ ناتوغا قوشقان تۆھپىلىرى تەكىتلەندى، ناتو ۋە ياۋروپانىڭ جەنۇبىدا دائېش، پ ك ك / ي پ گ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى، بۇ يىل ئىچىدە بىرەر كىرىزىس يۈز بەرگەن تەقدىردە، ناتونىڭ تەييار كۈچلەر مەسئۇلىيىتىنىڭ تۈركىيەدە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى، تۈركىيەنىڭ ھەر دائىمقىغا ئوخشاش STEADFAST DEFENDER-21 ناملىق ناتو مانېۋىرلىرىدىمۇ مەجبۇرىيىتىنى غەلىبىلىك ئورۇندىغانلىقى قەيت قىلىندى، بۇلاردىن باشقا تور ساھەسىدىكى ئىمكانىيەت ۋە ئىقتىدارلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھاۋا ساقچىلىقى ۋە رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك ئۇچۇشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا قىسىملىرىمىز بىلەن تۆھپە قوشقانلىقى ئەسكەرتىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، ئاقارنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ: «ناتو ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يەككە قوللىشىنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكى، ئەكسىچە بولغاندا، ئافغانىستاندا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلارنىڭ قولدىن كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقى، تۈركىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى» ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر