سىدا سىناقتىن ئۇتۇقلۇق ئۆتتى

تۈركىيە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياساپ چىققان قوراللىق ئىنسانسىز دېڭىز ئاپپاراتى — سىدا، ئەگە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى «دېڭىز بۆرىسى – 2021» ناملىق مانېۋىر دائىرىسىدە تۇنجى قېتىملىق ئوقىنى ئېتىپ، نىشاننى دەل بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.

1646673
سىدا سىناقتىن ئۇتۇقلۇق ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «دېڭىز بۆرىسى – 2021 ھەربىي مانېۋىرىدا يەرلىك ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ياساپ چىقىلغان سىدا (قوراللىق ئىنسانسىز دېڭىز ئاپپاراتى) تۇنجى ئوق چىقىرىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، نىشاننى بىتچىت قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر