قالىن ۋە ئەرسوي رۇسىيەگە قاراپ يولغا چىقتى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي ۋە سەھىيە مىنىستىرى ياردەمچىسى تولگا تولۇنئاي رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

1640834
قالىن ۋە ئەرسوي رۇسىيەگە قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي ۋە سەھىيە مىنىستىرى ياردەمچىسى تولگا تولۇنئاي مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن رۇسىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.

يۇقىرى دەرىجىلىك تۈركىيە ھەيئىتى بىلەن رۇسىيە تەرەپ ۋەكىللىرى رۇسىيەنىڭ سپۇتنىك ۋاكسىناسىنى سېتىۋېلىش ۋە تۈركىيەدىكى ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ.

ئىككى تەرەپ ھەيئەتلىرىنىڭ يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان قاتنىشى ۋە رۇس ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيە زىيارىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر