تۈركىيەدە بۈگۈن 346 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 346كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1625130
تۈركىيەدە بۈگۈن 346 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 346كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 36 مىڭ 613كە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 322 مىڭ 128ئادەمنىڭ 2 مىڭ 895 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 61 مىڭ 28گە يەتتى.

سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان 55مىڭ 592 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 3 مىليون 792مىڭ 129غا يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر