ئىزمىردا ئونلارچە مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى
ئىزمىرنىڭ چەشمە ۋە دىكىلى ناھىيەلىرىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 117 نەپەر پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1620775
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەشمە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى ئايروپىلانى، بىر كامېر كېمىدە بىر تۈركۈم پاناھلانغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدى.
تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قۇتقۇزۇش كېمىسى ھەرىكەت ھالىتىدىكى كامېر كېمىنى توختىتىپ، ئۇنىڭدىن 27 پاناھلانغۇچى بىلەن بىر يەلكەنلىك كېمىدىكى 67 پاناھلانغۇچىنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى.
يەنە ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىمۇ گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 23 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى.
پاناھلانغۇچىلار كېرەكلىك رەسمىيەتلەر بېجىرىلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.