ئوكتاي شىمالىي قىبرىستا زىيارەتتە بولىدۇ

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ئەتە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

1612265
ئوكتاي شىمالىي قىبرىستا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە بىرقاتار ئۇچرىشىشلار ۋە زىيارەتلەردە بولىدىكەن. بۇ دائىرىدە، گۈۋەرجىنلىك يېزىسىدا، 2021 – يىلقى كېلىشىمگە ئاساسەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، قۇرۇلۇشى باشلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان سانائەت رايونىنىڭ 3 -  بۆلىكىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن، ئارقىدىن گازىماغۇشا شەھەر باشلىقى بىلەن كۆرۈشىدىكەن؛ ھەمدە يېقىندىن بۇيان گازىماغۇشادا ئىشلىنىۋاتقان ۋە قىبرىسقا دائىر ھەقىقىي بىر ۋەتەننى قوغداش كۈرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان «بىر چاغلاردا قىبرىس» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغىمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر