تۈركىيە – كېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كېلىشىم لايىھەسى ماقۇللاندى

تۈركىيە بىلەن كېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ۋە گىدروكاربون ھەمكارلىقىغا دائىر كېلىشىم لايىھەسى ماقۇللاندى.

1607300
تۈركىيە – كېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كېلىشىم لايىھەسى ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2014 – يىلى، 8 – ئاپرېل كۈنى ئەنقەرەدە ئىمزالانغان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن كېنىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ۋە گىدروكاربون ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا دائىر كېلىشىم لايىھەسى ماقۇللىنىپ، رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ھۆكۈملىرى، جۇمھۇر رەئىس تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر