ئوقتاي: تۈركىيە يۇقۇمدىن كېيىنكى مەزگىلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلىنىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، تۈركىيەنىڭ كوۋىد – 19 يۇقۇمىدىن كېيىنكى مەزگىلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1603523
ئوقتاي: تۈركىيە يۇقۇمدىن كېيىنكى مەزگىلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فۇئات ئوقتاي تۈنۈگۈن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ تور مۇھىتىدا چاقىرىلغان «تۈركىيە دۆلەت ئىستراتېگىيە سۆھبىتى» ناملىق تور يىغىنىغا ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىپ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

تۈركىيەنىڭمۇ پۈتكۈل دۇنيا بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئوقتاي: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ساغلاملىق، ئىجتىمائىي كاپالەت، رەقەملەشتۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ساھەلەردە ئىقتىسادىمىزنىڭ پاراۋانلىقى ۋە بەرداشلىق بېرىش كۈچىگە تۆھپە قوشىدىغان ئۆزگىچە مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسى يازدى ۋە يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە دۇنياغا ئۈلگە بولدى» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە نۇرغۇن ساھەلەردە ئىجابىي ئوبراز ياراتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىجابىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چېكىنىشنى باشتىن كەچۈردى» دېدى.

ۋاكسىنا ئەملەش جەھەتتە تۈركىيەنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بەش دۆلىتىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە — مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتىمۇ — ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولۇش ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئوقتاي، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تۈركىيە سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئورنى، ئىلغار ئەمگەك كۈچى، يۈكسەك ئىچكى بازار يوشۇرۇن كۈچى، شۇنداقلا دىنامىك ۋە رىقابەتچى خۇسۇسىي ئىگىلىكىنىڭ ياردىمى بىلەن يۇقۇمدىن كېيىنكى مەزگىلنىڭ ئەڭ مۇھىم قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر