تۈركىيە تەتقىقاتچىلارنى يېقىندىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە، تۈركىيەگە كېلىدىغان تەتقىقاتچىلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈشتىن باشقا، ئۇلارغا 720 مىڭ تۈرك لىراسىغىچە تەتقىقات تۈرى ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1603068
تۈركىيە تەتقىقاتچىلارنى يېقىندىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانك پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى — TUBITAK نىڭ خەلقئارا باشلامچى تەتقىقاتچىلار پىروگراممىسى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

مىنىستىر ۋارانك يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا، پىروگراممىلىرىمىز ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئەقلىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىشنى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلمىي خىزمەتلەرنى قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز، دېدى.

تۈركىيەنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر ۋارانك: «TUBITAK نىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن تۈركىيەگە كېلىدىغان تەتقىقاتچىلىرىمىزنى مالىيە جەھەتتىن رىغبەتلەندرگەندىن باشقا، 720 مىڭ لىراغىچە تەتقىقات تۈرى ياردىمى بېرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر