تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ياۋروپادىكى ئۈستۈنلۈك ئورنىنى ساقلاپ قالدى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 8- مارتتىن 14 - مارتقىچە كۈنىگە ئوتتۇرىچە 649 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ياۋروپادىكى ئۈستۈنلۈك ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

1602901
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ياۋروپادىكى ئۈستۈنلۈك ئورنىنى ساقلاپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئاۋىياتسىيە يول باشلاش بىخەتەرلىك تەشكىلاتى  (EUROCONTROL) نىڭ، 8 -مارتتىن 14-مارتقىچە بولغان ئايروپىلان سەپەرلىرى  دوكلاتىغا قارىغاندا ، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى،  كۈنىگە ئوتتۇرىچە 649 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ياۋروپادىكى رەقىبلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن.

تىزىملىكتە، فىرانسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى Air France، كۈندىلىك 358 ئۇچۇش بىلەن،  تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىدىن كېيىنكى رەتكە، KLM، 243 ئۇچۇش بىلەن  3- رەتكە، لۇفتانسا، 231 ئۇچۇش بىلەن 4 – رەتكە،  SAS ، 165 ئۇچۇش بىلەن 5 – رەتكە، British Airways ، 105 ئۇچۇش بىلەن 6 – رەتكە تىزىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر