بۈگۈنكى كابىنېت يىغىنىدا خىتاي ۋە گېرمانىيەدىن زاكاز قىلىنغان ۋاكسىنا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك كابىنېتى يىغىنى بۈگۈن بەشتەپەدە چاقىرىلىدۇ.

1601254
بۈگۈنكى كابىنېت يىغىنىدا خىتاي ۋە گېرمانىيەدىن زاكاز قىلىنغان ۋاكسىنا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىدىغان يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى كوۋىد -19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش بولىدۇ.

يىغىندا تەدرىجىي نورماللاشتۇرۇش باسقۇچىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرىمۇ كابىنېت يىغىنىدا ئۈستەلدە بولىدۇ.

تۈركىيەدىكى ۋاكسىنا ئەملەش جەريانى باھالىنىدۇ. ۋاكسىنا سېتىۋېلىش خىتاي ۋە گېرمانىيەدىن زاكاز قىلىنغان ۋاكسىنىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى ۋاكسىنا تەتقىقاتى خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر