ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئېلىپ بارغان ۋە بارىدىغان ئىسلاھاتلىرى توغرىسىدا توختالدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىنقى ئىككى – ئۈچ يىلنىڭ مابەينىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر داستان ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1595032
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبە باشلىقلىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا سۆز قىلىپ، جىمجىتلىق ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىنقىلابلار دېيىشكە بولىدىغان نۇرغۇن ئىسلاھاتلار ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ چېھرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.