قالىن ياۋروپا كومىتېتى باياناتچىسىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسى پېتېر ستانونىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
1589484

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسى پېتېر ستانونىڭ تۈركىيە «كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېگەن مەزمۇندىكى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى.
باياناتچى ئىبراھىم قالىن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئىنگلىزچە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «بىر قېتىم بولسىمۇ، گارادا 13 ئادەمنى رەھىمسىزلەرچە قەتل قىلغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى تىزىملىكىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن ئەندىشە قىلىپ قويساڭلار بىر نەرسە بولمايدۇ. ياكى بۇنداق قىلىش پ ك ك لوبىسى بىلەن ئوتتۇراڭلاردا چاتاق چىقىرىپ قويارمۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ستانو خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىتىلغان «كۈچلۈك بېسىملار»دىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك»لىكى توغرىسىدا بايانات بەرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى مىڭدىن ئاشتى
قاھرامانماراشنىڭ پازارچىك ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە 1541 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

قاھرامانماراشتا يەنە 7.6 بال يەر تەۋرەش يۈز بەردى
قاھرامانماراش ۋىلايتىنىڭ ئەلبىستان ناھىيەسىدە يەنە 7.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى.