تۈركىيە ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ خېتىگە جاۋاب قايتۇردى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ پىرېزىدېنت جو بايدىنغا يوللىغان خېتىگە جاۋاب قايتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – ئامېرىكا پارلامېنتلار ئارا دوستلۇق گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن، ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ پىرېزىدېنت جو بايدىنغا ئەۋەتكەن خېتىگە جۆاۋابەن ئېلان قىلىنغان باياننامىدە، خەتكە ئىمزا قويغان كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئاساسسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىزلارچە ئەيىبلەشلىرىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ئىتتىپاقداشلىق روھىغا قىلچە ماس كەلمەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.
ئورتاق سىياسىي قىممەت ئۆلچەملىرى ئاساسىدا دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە ئىككى دۆلەتنىڭ، ھەرقانداق بىر سىناققا دۇچ كەلگەندە بىر – بىرىنىڭ سەزگۈر مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە سەمىمىي دىيالوگ دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى قەيت قىلىنغان باياننامىدە، مۇنداق دېيىلدى: «بۇ نۇقتىئىنەزەرگە ئاساسەن، مەزكۇر خەتتە تىلغا ئېلىنغان خۇسۇسلارنىڭ ماھىيىتىنى خاتىرىلىتىش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەقەززاسىدۇر.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.