ئىراقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

ئىراقتا «پەنجە قارتال – 2 ھەربىي ھەرىكىتى» داۋامىدا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى.

1581295
ئىراقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «پەنجە قارتال – 2 ھەربىي ھەرىكىتى» داۋامىدا، تېررورچىلار بىلەن تۈركىيە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 2 ئەسكەر شېھىت بولغان، 4 ئەسكەر يارىلانغان، يارىلانغان ئەسكەرلەر دەرھال دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلگەن، رايوندا ئېنىقلاپ چىقىلغان نىشانلار ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇدىيىتىگە ئېغىر  زەربە بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر