ئەردوغان «تاماكا تاشلاش» چاقىرىقى ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 9-فېۋرال دۇنيا تاماكا تاشلاش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن «تاماكا تاشلاش» چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

1580579
ئەردوغان «تاماكا تاشلاش» چاقىرىقى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا تاماكا ۋە تاماكا خۇمارىنىڭ ئۆتكەن يىل ئىچىدە كوۋىد-19 يۇقۇمى قازالىرى، قاتناش قازالىرى، قاتىللىق، ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلاردا قازا قىلغان كىشىلەردىنمۇ كۆپ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىغا دائىر سىنلىق مەلۇمات ھەمبەھىرلىدى.

ئەردوغان ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا «9-فېۋرال دۇنيا تاماكا تاشلاش كۈنىدە، مەن يەنە بىر قېتىم ۋەتەنداشلىرىمىغا چەقىرىقتا بولۇشنى خالايمەن. كېلىڭلار! يېڭى بىر باشلىنىشقا قادەم قويايلى، سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنى ئەمەس، تاماكىنى تاشلايلى!» دېگەن ئىبارىىنى  قوللاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر