دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «ئاتماجا» ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مىللىي ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ياساپ چىقىلغان «ئاتماجا» ئوقى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

1577882
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «ئاتماجا» ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ۋىدېئولۇق ئۇچۇرىدا، ھۇجۇمغا يېتەكچىلىك قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە «ئاتماجا» ئوقىنىڭ « TCG Kınalıada» ناملىق قودىغۇچى پاراخوتنىڭ سۇپىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، سىناق قىلىنغانلىقى، تۇنجى سىناقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى، جۈملىدىن، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئوقنىڭ دەل نىشانغا تەگكەنلىكى، تۈركىيە ئارمىيەسى خادىملىرىنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتنى ئالقىشلىغان ھالدا تەبرىكلىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر